پاكىستاننىڭ «مىللەت» (The Nation) گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىس كامال ماننو، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى توقۇمىچىلىققا سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ پاكىستان شىركەتلىرى ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 2023-يىلىغا قەدەر كاتتا پاختا ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك فابرىكا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تىلغا ئالغان ئاپتور بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنگە قەدەر ئادالەتسىز رىقابەت بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قاقشىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ بوسۇغىسىغا كېلىدىغانلىقى ۋە پاكىستان شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ھەر ۋاقىت ئارقىسىدىن يۆلەيدىغان، سودىدا قانۇن ۋە تەرتىپ تونۇمايدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە يېڭىلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىنى نازارەت قىلىش ۋە تۈزىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن. ياۋروپا بىرلىكىمۇ بۇ يىل ئىچىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 33 دېلونىڭ 22 سى خىتاي كارخانىلىرىغا چېتىشلىق بولۇپ چىققان. كامال ماننو ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا پاختا ۋە توقۇمىچىلىق سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ كۆپلۈكى، پاكىستان توقۇمىچىلىق ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردا 30 پىرسەنتتەك شىركەتنىڭ تاقالغانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ يەرلىك خەلقنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىشتىن باشقا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
