يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلكە، بىر شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلىپ قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئورگانلىرى بۇ پائالىيەتتە 30 نەچچە خىتاي ساياھەت شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بۇ يىل ئەتىياز ۋە يازلىق ساياھەت پەسلىدە ئۇيغۇر رايونىغا 30 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىى ئېلىپ كېلىدىغان بولغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى يۈ جيې ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق پىلانى ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشنى 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇزېي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار بۇ ساياھەتچىلىك تۈرىنىڭ مۇھىم زىيارەت نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇزېيلارنى قايتا قۇرۇش، ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنى قېزىشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەننى ئىسپاتلاشقا، بۇ خىل تونۇشنى رايوندىكى خىتاي پۇقرالىردىلا ئەمەس، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرىدىمۇ شەكىللەندۈرىشكە كىرىشكەن. شۇڭا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل ساياھەت پروگراممىلىرىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى نىڭ بىر پارچىسى»، دەپ ئەيىبلىگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تۆت ئۆلكە، بىر شەھىرىدە 17-مارت كۈنى باشلانغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نامدىكى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا جەلپ قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتى 29-مارت كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن 100 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كېلىشىمى تۈزۈلگەن.