خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا توشۇش ۋەزىپىسى ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.04.12

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 12-ئاپرېل كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرى 35 مىليون 220 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 18.64 پىرسەنت ئاشقان.

خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەت قىلىدىغانلارنى 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىغان.

«شىنخۇا تورى» نىڭ ئۆتكەن ئايدا تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت قىزغىنلىقى بىر ئاي بۇرۇن باشلانغان. ئۇسسۇلچى قىزلار ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ گۇڭدۇڭلۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالغان. «1-ماي بايرىمى» دا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇسسۇلچىلار قەشقەر، لىجياڭ، خاربىن قاتارلىق جايلارغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن.

بۇ خەۋەردە چىقىرىلغان سۈرەتلەردە ئۇيغۇر رايونىدا سېلىنغان خىتايچە پاسوندىكى مۇزېيلار، باغچىلار، راۋاقلاردا ساياھەت قىلىۋاتقان خىتايلار ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىلىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئاللىقاچان «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى، «بارچە مىللەتنىڭ خۇشال-خۇرام ياشايدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» تەشۋىقاتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۈچ يىل بۇرۇن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئاساسەن سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، تاشقى جەھەتتە خەلقئارا بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىچكى جەھەتتە كۆپلەپ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.