«تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش» نامى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش داۋام قىلماقتا

خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى نامى ئاستىدا كۆچمەن يۆتكەشنى داۋام قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى بۇندىن كېيىن «شەندۇڭلۇق كادىرلار يوپۇرغىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىش، يوپۇرغىدىكى كادىرلار شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆگىنىش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، شەندۇڭ-شىنجاڭ ياشلىرى قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش» كە ئوخشاش بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 90 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغان.

يۇقىرىدىكى خەۋەردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمەس،بەلكى يەنىلا كۆچمەن يۆتكەشكە قارىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان كۆچمەنلەرنى ئىختىساسلىق خادىم، كادىر نامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا پەن-تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مول-ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئەمما رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان دېھقانلار ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان ئاتالمىش ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئەپچىققان تېخنىكىلىرى يەرلىككە ماس كەلمىگەنلىكتىن، دېھقانلارغا ھېچقانداق ئۈنۈم ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىكار مائاش ئېلىپ ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تاپالماي، ئۆگەنگەن بىلىمى ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كادىر، ئىختىساسلىق خادىم نامىدا يۆتكىلىشى ئۇيغۇر خەلقىدە قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى شۇنداقلا رايوندا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي توقۇنۇشنىڭمۇ ئاساسلىق سەۋەبى.