فۇكاڭ گەنخېزى بازىرىغا يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلەشتۈرۈلمەكتە

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، داڭلىق ساياھەت رايونى بوغدا كۆلىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان فۇكاڭ شەھىرى گەنخېزى بازىرىغا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان سەنشى ئۆلكىسىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، فۇكاڭ دائىرىلىرى بازارنىڭ ئەسلىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك ئاھالىسىنى 50 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇربىز تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بوغدا كۆلى بويىغا جايلاشقان فۇكاڭ شەھىرىنىڭ گەنخېزى بازىرى كۆمۈر سانائىتى رايونى دەپ ئېلان قىلىنىپ، بازارغا ھازىرغىچە يېڭىدىن 17خىتاي شىركىتى يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 شىركەت سەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كەلگەندىن كېيىن بازاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىشكە باشلىغان، فۇكاڭ دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا گەنخېزى بازىرىنىڭ ئاھالىسىنى 50 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

داڭلىق بوغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كۆمۈر سانائىتى رايونى قۇرۇش ھەم بۇ جايغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بوغدا كۆلى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىغا «سانائەت تەرەققىيات رايونى» نامىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، زېمىن ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.