خىتاينىڭ خىمىيە سانائىتى توقۇمىچىلىقى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.06

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان «سانائەت شەھەرچىسى» رايونلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن سودىگەر چاقىرىش يېقىندا رەسمىي باشلىنىپ كەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭغا دائىر دەسلەپكى تۈر سۈپىتىدە جياڭسۇ نەنتوڭ تىنچ ئوكيان توقۇمىچىلىق شىركىتى ۋە خاڭجۇ خىمىيەلىك تالا چەكلىك شىركىتى دەسلەپ بولۇپ ئۈچ يېرىم مىليارد سوم (تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قولغا ئالىدىكەن. شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنى خىمىيەلىك تالا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىغا ئايلاندۇرىدىكەن.

ھالبۇكى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنىڭ كۆپ قىسمى دەل مۇشۇ خىلدىكى خىتاي شىركەتلىرى ئاچقان توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى نېفىت ۋە كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قىلىۋالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل رايون مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا يول ئېچىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ خىمىيەلىك توقۇلما ساھەسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كېلىشى بۇ جەھەتتىكى بۇلغىنىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.