چەرچەن ناھىيەسى كەنت كادىرلىرىنى ئىچكىرىدىن چىققان خىتايلار بىلەن تولدۇرۇشقا باشلىغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەزكۇر ناھىيەگە يۇقىرى تەمىنات بىلەن كەنت كادىرى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يەرلىك كەنت كادىرلىرىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ خىتاي كادىرلار بىلەن تولدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

چەرچەن ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن 100 نەپەر كەنت كادىرى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

چەرچەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە بولۇپ، ئۇ 5 ئىجتىمائىي رايون، 53 مەمۇرىي كەنت ۋە 6 تەبىئىي كەنتتىن تەشكىل تاپقان. نوپۇسى 60 مىڭ ئەتراپىدىكى بۇ ناھىيەنىڭ ئاز كەم 77 پىرسەنت ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم «كەنت كادىرى يېتىشمەسلىك»، «خىزمەت يۈكى بىلەن ئادەم سانى ماسلاشماسلىق» ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قارارنى چىقارغان ئىكەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كادىرلىققا قوبۇل قىلىنغانلارغا ئاز دېگەندە 4000 يۈەن ئايلىق مائاش، تۇرمۇش پۇلى، ئۆي پۇلى، يول خىراجىتى، مۇكاپات قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، يىلىغا ئاز دېگەندە 30 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان كەنت كادىرلىرىنىڭ يەنە ئولتۇراق ئۆي، داۋالىنىش، توي قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. لېكىن ئۇقتۇرۇشتا يەرلىكتە ئىشسىزلىق ئېغىر بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچىدىن كادىر قوبۇل قىلمايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن. چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ مەقسىتى خىتاي كادىرلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئىكەن.

چەرچەن ناھىيەسى ئىلگىرى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار توي قىلسا ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىي بولۇشقا مەجبۇرلاش،» دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.