خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يېزا-ئىگىلىك، ئېنىرگيە ۋە خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدىن كېيىن، دائىرىلەر رايوندىكى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش باشلىغان.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا قىش-قىرو تېخى تولۇق ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈرۈمچى ئايرودومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ۋە سانائەت باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا مۇددەتتتىن بۇرۇن ئىش باشلىنىپ بولغان. خەۋەردە بۇ تۈرلەرنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، «لەنجو-شىنجاڭ تۆمۇريولى» نىڭ جىڭ-ئالاتاۋ ئارىسىدىكى 2-لىنىيەسىدىمۇ ئىش باشلىنىپ بولغانلىقى ئېيتىلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتە ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش باشلاشتا قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئالدىرايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار چەت ئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ «بىر بالۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر رايونىنى تېزراق خىتايلاشتۇرۇپ، بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يېزا-ئىگىلىك، ئېنىرگىيە ۋە خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش تەقەززاسى سەۋەب بولماقتا ئىكەن. «شىخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا، رايوننىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۆلچەردىكى ئاساسلىق نىشانى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنى تەخمىنەن 7 پىرسەتتىن ئاشۇرۇش، بەلگىلىك كۆلەمدىن ئېشىپ كەتكەن سانائەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تەخمىنەن 9 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشىنى قانداق قىلىپ 7 پىرسەنتكە، بەزى ساھەلەردە 9 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشى دىققەت قوزغىماقتا.