ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇق» دېيىشى مەسخىرىگە قالغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارالىق ئورگانلاردا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق بىر ۋىدىيو تارقىتىپ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەممە ئىشنىڭ نورماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ۋىدىيودا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم ئىنگلىزچە سۆزلىتىلگەن. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇق. ھەقىقەتنىڭ ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇق. كۆرۈش-ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر» دەپ سۆز قىلغان.

قەيسەر ئابدۇكېرىم سۆزىدە يەنە «بىز تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، 25 مىليوندىن ئارتۇق شىنجاڭ خەلقىنى يېقىندىن كۆرۈشىنى، يېزا قىشلاقلىرىمىزنى، بازارلىرىمىزنى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى يېقىندىن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت چاقىرىلغان «خەلقئارالىق ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيلد تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەنىدى. ئارقىدىنلا، خۇا چۈنيىڭنىڭ تىۋىتتېردا بۇ ۋىدىيونى تارقىتىشى دىققەت قوزغىدى.

تىۋىتتېر قوللانغۇچىلىرى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىمنى سۆزلىتىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ تەشۋىقاتىنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان.

نۇرغۇنلىغان تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى خۇاچۈنيىڭگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇنىڭ قىپقىزىل يالغانلىقىنى، بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلارغا خالىغانچە بېرىپ، ساقچىنىڭ تەقىبىسز ئايلىنىپ يۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بەزى تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى ھەتتا ئىنكاسىدا «گېپىڭ راست بولسا سەن ئاۋۋال ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىنى خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرگە ئېچىپ باق» دېگەن.