قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەيدىغان كۆكتات بازىسى قۇرۇلغان

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىدا خىتاينىڭ گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ ئالاھىدە رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان كۆكتات بازىسى قۇرۇلغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىدا گۇاڭدۇڭ-خوڭكوڭ-ماكاۋ چوڭ قولتۇقىنى تەمىنلەيدىغان تۇنجى كۆكتات بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەردىكى 1400 دىن ئارتۇق پارنىكتا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان كۆكمۇچ، شوخلا، كاللەكبەسەي، يېسىۋىلەك قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتاتلار 48 سائەت ئىچىدە ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە، ئاندىن خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا توشۇلۇپ بولىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئوغۇساقتىكى كۆكتات پارنىكىدا ئىشلەۋاتقان گۈزەلنۇر ئابلىز ئىسىملىك بىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىياز پەسلىدە يەر تۈزلەپ ئىشلەيدىغانلىقى، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ يەردە كۆكتات يېتىشتۈرۈشنى ئۆگەنگەنلىكى مىسال قىلىنغان. خەۋەردە يەنە بۇ كۆكتات بازىسىىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى 150 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاشلىق بازىسى، مېۋە-چېۋە بازىسى ۋە گۆش بازىسى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەر كوناشەھەردىن خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىگە كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقى، دىققەت قوزغىماقتا. بۇ ئەھۋال كۆزەتكۈچىلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە بۇ كۆكتات بازىلىرىنىڭ خوجايىنى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ شېڭيوڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دېرىكتورى نى ۋېيچىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي زىيارەت قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە بۇ شىركەتنىڭ «2021-يىلى 7-ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە رەسمىي ئولتۇراقلىشىپ، 1400 مولۇق تېرىلغۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، كۈن نۇرى، تۇپراق، سۇ ۋە باشقا بايلىقلىرىنىڭ كۆكتات تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن مەھسۇلات تۈرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.