خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىنقى 9 يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا يۆتكەپ ئىشلەتكەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 28 مىليون 420 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى يېقىنلىشىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 5-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول ۋە شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرغانلىقى، 2012-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا «ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون شەھەر-يېزا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تەربىيەلەنگەنلىكى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ماھارەت ئىگىلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ مۇقىم كىرىمگە ئېرىشكەنلىكى» قەيىت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى ئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتىپ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، ئاياق، دوپپا، سومكا قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردى، زاۋۇتلارنى باشقۇرۇپ، سېخلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە يەرلىكنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن يېزا ئەمگەك مۇلازىمىتىنى قوللىدى. 2012-يىلدىن 2021-يىلغىچە، رايوندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى 28 مىليون 420 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.»

ھالبۇكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسپلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقى دەلىللەنگەن ساھەلەر بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى ۋە بىر قىسىم ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى جازالىغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر يىلى 2 مىليون 750 مىڭ يېزا ئەمگەك كۈچىنى يوقىرقى ساھەلەردە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قا كاپالەتلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ھازىر زاۋۇتلاردا يېنىك سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلانغانلىقى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ زاۋۇت-فابرىكىلاردا ياكى تۈرلۈك كارخانىلاردا ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ مائاش ئالىدىغان ئىشچى بولغانلىقىدەك مىساللار تەشۋىق قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يوقىرىقى بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي زاۇۋت-كارخانىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى مۇقىم ئىشچى مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىدىكى ئاتا مىراس كەسپلىرىدىن، تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.