خىتاي 200 مىليون ئاجرىتىپ، قەشقەردە «ئىشلەش ۋە ئولتۇرۇشقا قولايلىق يېزا-كەنتلەر» بەرپا قىلىشقا كىرىشكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇشقا باشلىغان «قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى» دىن كېيىن، ئەمدى «قولايلىق يېزا-كەنتلەر» نى قۇرۇشقا كىرىشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «قولايلىق يېزا-كەنتلەر» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق بۆشۈكى بولغان قەشقەردىن باشلانغان. يەرلىك دائىرىلەر خىتاي تاراتقۇلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا قەشقەردىن باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشقا 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 201 يېزا-كەنتنىڭ «ئىشلەشكە ۋە ئولتۇرۇشقا قولايلىق يېزا-كەنت» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سېيەك يېزىسى يوقىرىقى بۇلمان كەنتى خىتاينىڭ «قولايلىق يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى» دىكى ئۈلگىلىك سىناق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەخسىي مۈلۈك ۋە تېرىلغۇ يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، خىتاي كارخانىلىرىغا باغلاش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئ‍ارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پارچىلاش، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلىش ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلماقتىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېيتىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يوقىرىقى بۇلمان كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 925 نەپەر ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەر 200 مىليون يۈەن مەبلەغنىڭ يوقىرىقى 201 ئ‍ۈلگىلىك يېزا-كەنتتە ئىشلەپچىقىرىش، ئۇل ئەسلىھەللەر ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.