بەش مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار دىيارىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.31

ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى باشقا نامدىكى بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە تۈرلۈك تەمىنات ۋەدىلىرى بىلەن مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ ئىشلەشكە چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا بۇ ھەقتە كۆپلەپ بېرىلگەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇشقا ئاتلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

«خىتاي ياشلار گېزىتى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەرب پىلانى» بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن توپلانغان 3300 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» دا يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چوڭجيۇ سۆز قىلىپ، ئۇلارنى «ياخشى ئىشلەپ مۇشۇ جايدا يىلتىز تارتىپ قېلىش» قا چاقىرغان.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال بىڭتۇەننىڭ پولك مەيدانلىرىغا ئاتلىنىدىغان 1800 ئوقۇغۇچىنى ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ رەھبىرىي ھوقۇقنى ئىگىلەيدىغان بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.