خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىغا ئۈزلۈكسىز نوپۇس كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسى 1950-يىللاردىكى ئومۇمىي نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا سانى بەش پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇۋاتقان خىتاي نوپۇسىنى ھازىر 50 پىرسەنتكە يېقىن سانغا يەتكۈزگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ خىل نوپۇس كۆچۈرۈشتىن باشقا «غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشىمۇ غايەت زور ساندا مەمۇرىي خادىملارنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەشنى تاماملىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش» نامىدىكى كادىر يۆتكەش قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان كادىرلار 44 مىڭغا يەتكەن. بۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى 94 ناھىيە ۋە رايونغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مائارىپ، تېببىي ساھە قاتارلىق ساھەلەرگە ئورۇنلاشقان. بۇ ھال ھەرقايسى ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىش، «قوش تىل مائارىپى» نامىدا نوقۇل خىتايچە تىلدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى توختىتىپ قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ كېلىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى ئىيۇل ئېيىدا يېتىپ كەلگەن ئون مىڭغا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ «پارتىيە چاقىرىق قىلغان ئەڭ قىيىن جايلارغا بېرىپ يىلتىز تارتىش» شوئارى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەرقايسى ناھىيەلەر ۋە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ رەھبىرىي كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي تەشۋىقاتىدا بىردەك «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىش يولىدىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.