ئۇيغۇر رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىدىن كادىر قوبۇل قىلىشقا باشلايدىكەن

ئۇيغۇر رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت ئورۇنلىرىدىن كادىر قوبۇل قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما مەزكۇر قارار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ياكى ئىجتىمائىي ئورۇنلارنى پۈتۈنلەي خىتايلار ئىگىلىگەن بولغاچقا، بۇ قارار شۇلارنىڭ يولىنى ئاچىدىكەن. ئۇ، «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىن تازىلاپ چىقىرىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە 9‏-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى كادىر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىدىكەن.

دائىرىلەر 7‏-سېنتەبىر تىزىملاش خىزمىتى باشلىنىپ، 24‏-سېنتەبىر ئىمتىھان ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ تاللانغان كادىرلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر كادىر تاللاشتا سىياسىي ساداقەتمەنلىك ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دىلشات رىشىت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ، ئۇيغۇر رايونىغا ھېچقاچان تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.