خىتاي يېقىنقى 10 يىلدا 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 27-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە «خىتاينىڭ 10 يىلى: شىنجاڭ» ناملىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 10 يىلدا 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي يېتەكچىلىك قىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە يېزا-بازار ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍ۆتكەن 10 يىل مابەينىدە رايوندىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى 30 مىليون 90 مىڭ 880 ئادەم قېتىمغا يەتكۈزگەن.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇ 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي ئاخبارات يىغىندا، خىتاينىڭ بەزى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن رايوندىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ، بۇ سىياسەت «تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە جايدا يېڭى مۇقىملىق، ئىناقلىق ۋە كۈچلۈك تەرەققىيات كەيپىياتى پەيدا قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەرياندا مىللەتلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ ياشايدىغان 4783 كەنت، ئىجتىمائىي رايونى، 9923 ئاھالە رايونى قۇرۇپ چىقىلغان. ما شىڭرۈي يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر، قىزىل سۇ، ئاقسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىلىرى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش چەتئەل تەتقىقاتچىلىرى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىسىدىن ئايرىپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.