خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا «ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانى» ئىجرا قىلىنغىنىغا بۇ يىل 15 يىل بولىدىكەن. ئۇيغۇر رايونى بۇ پىلانغا ئاساسەن 2019-يىلغىچە 99 مىڭ 200 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يېزا-قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەردە ئىشلەيدىكەن. نۆۋەتتە 2020-يىللىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلەردىن كەلگەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر خەۋەردە 2012-يىل خېبېيدىن كورلاغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان جاۋ يۈخۇا ئىسىملىك بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپتە كەلگەندە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇتقۇچىلار 20 دىن كۆپ بولغان بولسا، ھازىر 60 تىن ئېشىپ كەتكەن، كۆپىنچىسى ياشلار ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانى» يولغا قويۇلغان 15 يىلدا ئومۇمەن جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەت-ئوبلاستقا ياردەم بېرىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، 2019-يىلغىچە بۇ ۋىلايەتلەرگە سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار 61 مىڭ 700 گە يەتكەن.
خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورى تارقاتقان بىر خەۋەردىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 237 مىڭ 090 گە يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدىن «ئالاھىدە خىزمەت ئورنى» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 130 مىڭ 740 نەپەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. يەنە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىنىپ، كەسپىي ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2000-يىل ئۇيغۇر رايونىدا «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشكىچە بولغان 20 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى پەيدىن-پەي ئىش ئورنىدىن ئايرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتكەن.