خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا زور ساندا «ئىقتىساس ئىگىلىرى» نى توپلىماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.09.29

يېقىندا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىقتىساسلىق كىشىلەر ئارقىلىق مۇقىم تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش» ھەققىدىكى سۆزىنىڭ «روھى» بويىچە ئۇيغۇر دىيارىغا غايەت زور ساندىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش ۋە توپلاش خىزىمىتىنىڭ قاناي يايدۇرۇلغانلىقى كۆپلەپ يەر ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كاتتىباشلىرى بۇ ھەقتە بەس-بەستە سۆز قىلىپ: «ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، جەلپ قىلىش ۋە ئىشقا قويۇش» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى راھمانجان داۋۇت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىقتىساسلىق ياشلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇلاردىن پەن-تېخنىكا قوشۇنى بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشتىكى ‹قۇرۇماس بۇلاق› بولۇپ قالغۇسى،» دېگەن.

ھالبۇكى، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئۇيغۇر دىيارىدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە كامالەتكە يەتكەن يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپ-توپى بىلەن ئىشسىز يۈرۈشى ھەققىدىكى رادىيو زىيارىتى جەريانىدا، مۇشۇ خىلدىكى «ئىقتىساسلىقلارنى يۇقۇرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىش» مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپ ساندا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ھەمدە شۇ ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىنغان بۇ ماكاننى خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشنى ئاداققى نىشان قىلىپ كەلمەكتە،» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.