ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» كۆپلەپ چىللانماقتا

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «ۋىلايەت تەۋەسىدە ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل بولۇش» ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا «تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتى» نى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 254 نەپەر خىتاي «ئىختىساس ئىگىسى» نى تەكلىپ قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان ئوبيېكتلار ئاساسەن يۇقىرى ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇغانلار ياكى مەلۇم كەسپىي تېخنىكا ساھەسىدە ئۇنۋان ئالغانلار بولۇپ، ئۇلارغا «شىنجاڭدا خىزمەت باشلىغاندىن كېيىن بىر قاتار ئېتىبار بېرىش ۋە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش» چارىلىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. شۇ قاتاردا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغانلارغا ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلارغا ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىشقا 400 مىڭ سومدىن 500 مىڭ سومغىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇنۋانىنى باھالاشتا «ئالدىن ئويلىشىلىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرىنچىسى بولسا «سىياسىي مەۋقەسى مۇستەھكەم، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىسىگە ئىگە كىشىلەردىن بولۇشى لازىم» دەپ كۆرسىتىلگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «تالانت ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش» شامىلىغا ئەگەشكەنلەر ‍ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىمۇ ئورۇن ئالغان. خەۋەردە ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئالايىتەن خۇبېي ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتى ئۈچۈن «تالانتلىق خادىملار» نى ئىشقا قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئەگەر قەشقەرگە خىزمەتكە بارسا، ئۇلار ئېرىشىدىغان مائاش، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يەتتە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئالىي ئۇنۋان ئالغان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر سەرخىللىرى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان بولسا، يەنە سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتايچە تىلغا كامىل بولغىنىغا قارىماستىن ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تالانت ئىگىلىرىنى چىللاش» پروگراممىسى نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا.