خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «تۇغقاندارچىلىق» پروگراممىسى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.
29-نويابىر كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقى «تۇغقاندارچىلىق» ئاخبارات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تۇغقاندارچىلىق» پروگراممىسىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى سۇنغان. ئاخبارات دوكلاتىدا، خىتاي مەزكۇر پروگراممىنى «ئۆز ئارا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دەپ سۈرەتلىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق قارىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ پروگراممىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بىخەتەر ھېسابلايدىغان بىردىن-بىر ماكانىغا رۇخسەتسىز ئۈسسۈپ كىرىلگەن مۇتىھەملىك، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بىرلەشمە ئاگانتلىقىنىڭ مەزكۇر ئاخبارات دوكلاتى 30-نويابىر كۈنى دۇنيادىكى بەزى نوپۇزلۇق گېزىت ۋە تورلاردا كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
يېڭى زېللاندىيەدىكى «يېڭى زېلاندىيە خەۋەرچىسى»، ئامېرىكىنىڭ «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر ئاخبارات دوكلاتىنى تۈرلۈك سەرلەۋھىلەردە كۆچۈرۈپ باسقان. «يېڭى زېلاندىيە خەۋەرچىسى» بۇنى «چوڭ ئاكام: بىر مىليون خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ياشاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئاخبارات دوكلاتىدا، يۇرتىدىكى قېرىندىشى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بۇ خىل «تۇغقانلار» كېلىپ ئورۇنلاشقان تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق بەزى ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلىنغان.
ئاخبارات دوكلاتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پروگراممىنى مۇسۇلمانلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يولى» دەپ قارىسىمۇ، بىراق چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بۇ پروگراممىنى «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولغان ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە ھالقىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشى» دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 9-ئايغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئازسانلىق مىللەت» ئائىلىلىرىگە بىر مىليون 100 مىڭ خىتاي كادىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر مىليون 600 مىڭ ئائىلە بىلەن «تۇغقاندارچىلىق» ئورنىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىكەن.