قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىككى قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىلىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 1593 نەپەر يۇقىرى مائاشلىق ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدە ساقچى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش توغرىلىق چىقارغان 3-قېتىملىق ئۇقتۇرۇشى ئىكەن.
ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. كېلەر يىلى قوبۇل قىلىش قارار قىلىنغان بۇ زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 300 نەپىرى 2018-يىلى 3-ئايدا، 1293 نەپىرى 2018-يىلى 9-ئايدا خىزمەت ئورۇنلىرىغا يېتىپ كېلىدىكەن.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارغا 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش، ئاقتۇ ناھىيەسىدە توختام بويىچە ئەڭ ئاز بولغاندا 3 يىل ئىشلەش شەرتى قويۇلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 9112 يۈەندىن 9349 يۈەنگىچە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاقتۇ ناھىيەسى تەمىنلىگەن ھەقسىز تۇرالغۇدىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا 300 نەپىرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 692 نەپىرى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 340 نەپىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 258 نەپىرى تەقسىم قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ 2015-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 221 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ناھىيە ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئاقتۇ ناھىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلغان ئالاھىدە ساقچى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنى ناھىيەدىكى يەرلىك ئىشسىزلار نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلغان ئالاھىدە ساقچى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىدىغان ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ يەرلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.