مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي سەپىرى ھارپىسىدا ھەرقايسى پۇقراۋىي تەشكىلاتلار ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.19

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېت ماي ئېيىدا خىتاي سەپىرىگە ماڭىدىغان بولۇپ يېقىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتايلار، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىقلارنىڭ 70 نەچچە پۇقراۋىي تەشكىلاتى كوللېكتىپ مەكتۇپ تەييارلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ تور بېتىدە ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە ئېلان قىلىنغان بۇ ئوچۇق مەكتۇپتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە مەزكۇر كېڭەش تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتنى سەپەردىن ئىلگىرى ئېلان قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى سەپەر ۋە تەكشۈرۈشنىڭ رەسمىيەتچىلىك بولۇپ قالماسلىقىغا كېپىللىك قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مىشېل باچېلېت خىتاي سەپىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشى لازىم. چۈنكى بۇ زۇلۇملارغا ئۇچرىغۇچى خەلق توپى بىلەن ئۇچرىشىش ئۇلار ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇشى لازىم» دېگەن.

نۆۋەتتە مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭ پەقەت «زىيارەت» بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.