ئۇيغۇرلار چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۆز دەرتلىرىنى ئېيتىشنى خالىمىدى

رۇسىيەنىڭ «ئىسلام خەۋەرلىرى» دەپ ئاتالغان ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۆزلىرىگە قارىتا خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان تەقىبلەشلەر ھەققىدە سۆزلەشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان.

بۇ خەۋەر ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر تودەي» تورىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان پاكىستانلىق مۇخبىر ۋاسىم ئابباسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق قورقۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىنى رەت قىلغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى خالىغان ئىككى ياش ئۇيغۇرمۇ راست گەپنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى يازغان.

بۇ پاكىستانلىق ژۇرنالىست مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋال ھەققىدە سوزلىمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كۆپ ساندىكى ساقچىلارنىڭ دائىم چارلايدىغانلىقى، كوچىلارنىڭ پات-پاتلا توسۇۋېتىلىدىغانلىقى، ھەتتا مەسچىتلەردىمۇ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بارلىقى ۋە باشقىلارنى يازغان.

«ئىسلام خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر پاكىستانلىق ژۇرنالىست ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىسىدا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ تەلىپىنى تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلغانلىقى ۋە سۆز تېمىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە ياكى بولمىسا، «ھەممىسى ياخشى» دەپلا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.