يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تور بىخەتەرلىكى بويىچە قولغا ئېلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تور بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان 16-تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئاممىغا ئاشكارىلانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر تور مۇنبەرلىرىدە زوراۋانلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى يازما ئەسەرلەر ۋە سۈرەتلەرنى ساقلىغان، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ «جەمئىيەتتە قورقۇنچ پەيدا قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئون كىشىنىڭ ئىچىدە ئالتە ئۇيغۇر ۋە بىر تۇڭگان بولۇپ، بۇلار بىردەك ئۈندىدار، يانفون ياكى تورلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان رەسىم ۋە سىن مەزمۇنلىرىنى تارقاتقان» دەپ ئەيىبلەنگەن. قالغان خىتايلار بولسا «تور بوشلۇقىدا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇرلارنى يوللىغان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ھازىر پۈتۈنلەي نورمال بولغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت قانۇنسىز، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي مەزمۇندىكى ھەرقانداق مەنبەدىن يىراق تۇرۇشقا مەجبۇرلاش چارىلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلار «ئاممىنىڭ پاش قىلىشى» ئارقىلىق قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەنلەر ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا «كەڭ خەلق ئاممىسىنى مۇشۇ خىلدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان دەرھال مەلۇم قىلىشقا ھەمدە مۇكاپاتلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشقا» چاقىرىلغان.