دېننىس ئىگناتيۇس: «ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ!»

25-نويابىر كۈنى «بۈگۈنكى ئەركىن مالايشىيا» گېزىتىدە سابىق دىپلومات دېننىس ئىگناتيۇسنىڭ تايلاندنىڭ سوڭكلا ئۆلكىسىدىكى يىغىۋېلىش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا دائىر چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ ماقالىسىدە تايلاند ۋە مالايشىيادىكى مۇساپىر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ.

ئۇ يەنە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر قاچقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە تېررورچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك 29 ئۇيغۇرنى «تېررورچى» دېگەن بوھتان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى «مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ قاچقۇنلارغا تۇتقان ئەڭ نومۇسسىز قىلمىشى دېيىشكە بولىدۇ» دەپ تەنقىدلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئەسەبىيلىك ۋە دىكتاتورلۇقتا ئەيىبلەنگەن مۇسۇلمان قاچقۇنلىرىغا پاناھلىق بېرەلىگەن مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئىنسان چىدىغۇسىز زۇلۇم سەۋەبىدىن ئۆز ۋەتىنىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا، شۇنىڭدەك تايلاندتىن قېچىپ مالايشىيا تەۋەسىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى تايلاندقا ياكى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، دېننىس ئىگناتيۇس مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا 36 يىل خىزمەت قىلغان سابىق دىپلومات بولۇپ، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مالايشىيانىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرنەچچە دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىكەن.