«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 11-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا كۆپەيگەن يېڭى يۇقۇمدارلار سانى 380 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە 284، قومۇل شەھىرىدە 1، سانجى قۇتۇبى ناھىيەسىدە 27، تۇرپان شەھىرىدە 4، ئالتاي شەھىرىدە 2، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 53، بورتالا شەھىرىدە 2، خوتەن شەھىرىدە 1، كورلا شەھىرىدە 3، قاغىلىق ناھىيەسىدە 2 يۇقۇمدار كۆپەيگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 916 يۇقۇمدار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ 689 ئادەم، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 91 ئادەم يۇقۇملانغان. ئۇنىڭدىن قالسا غۇلجا ناھىيەسىدە 42 ئادەم، سانجى قۇتۇبى ناھىيەسىدە 38 ئادەم يۇقۇملانغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى خېلىلا ئېغىر بولۇپ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋالدا جايلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرى تامامەن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، ھەتتا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن قاتتىق قامالدىن پەيدا بولغان ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈم-يېتىم پاجىئەسىنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ۋىرۇس تارقالغان رايونلارنى «ئېغىر، ئوتتۇرا ھال، يەڭگىل» دەپ ئۈچكە بۆلۈپ كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇم ئېغىر رايوندىكى يوللارنى قامال قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقارمىغان؛ ئەمما ساياھەتچىلىكنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن خىلمۇ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چەت ئەلدىن كىرگەن دېگەن بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىغا بارماقچى بولغان خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن پىلانىنى ئارقىغا سۈرگەن.