ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور دەۋىد بروپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخى مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغان «ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چېگراسىدىكى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب» ماۋزۇلۇق كىتابى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىش ئېلانى چىقىرىلدى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ تور بېتىدىكى كىتابقا ئائىت ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىتابقا پىكىر يازغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يېقىنقى زامان جەدىدىتىزمى، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى تەتقىقاتى ساھەسىگە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس لاۋرا نېۋبى، ئامېرىكىدىكى كارلېتون كوللېجىنىڭ پروفېسسورى ئادەپ خالىد، قازاقىستاندىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىلمىي خادىمى ئابلەت كامالوف ۋە باشقىلار بار.
بۇ مۇتەخەسسىسلەر دوكتور دەۋىد بروپىنىڭ مەزكۇر يېڭى تەتقىقات ئەسىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رۇسىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ھەم مىللىي كىملىك ئىدىيەلىرىگە باغلىنىشلىق كۆپلىگەن ئىلگىرى تېخى يېتەرلىك يورۇتۇلمىغان نۇقتىلارنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
دوكتور كامالوف كىتابقا «مەزكۇر تەتقىقات بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيەسىنى چۈشىنىشىمىز ۋە مەركىزىي ئاسىيا ھەم شىنجاڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپە» دەپ باھا بەرگەن.
دەۋىد بروپىنىڭ تەتقىقاتىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تىكلەش يولىدىكى پائالىيەتلىرى، سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، دەۋىد بروپى بۇ نۇقتىلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن موسكۋا، ئالماتا، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.گەرچە، رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت ئارخىپلىرى ئاساسىدا بىر قىسىم ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەنبەلىرىدىن يېتەرلىك پايدىلانمىغان ئىدى.
دەۋىد بروپىنىڭ ئىلگىرى بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر، رۇس، خىتاي تىللىرىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ، ئۆز ئەسىرىدە سوۋېت ئارخىپلىرىدىن باشقا يەنە كۆپ تىللىق مەنبەلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىكەن.
شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى بويىچە غەرب ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن جەمس مىلۋارد، گاردنېر بوۋىڭدون، رايان تۇم ۋە باشقىلارنىڭ مەخسۇس ئىلمىي كىتابلىرىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى.