فىنلاندىيە باش مىنىستىرى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان خورلۇققا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە جىنىسىي خورلۇققا ئۇچراۋاۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ 3-فېۋرال كۈنىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا BBC نىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ئىشارەت قىلىپ مۇنداق يازغان: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى كۆرمەسكە سېلىۋالماسلىقى كېرەك. سودا ۋە ئىقتىساد بۇنداق ۋەھشىيلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن باھانە بولماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق چوقۇم ئىككى تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەڭ مەركىزى نوقتىسى بولۇشى كېرەك.»

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن خانىمنىڭ يۇقىرىقى باياناتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇرسەن قىلدى.

بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى سابىق ئەلچىسى ۋە جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ باشلىقى نىككىي ھېيلى خانىممۇ تىۋىتتېردا لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىش قەرزىمىز بار. بىز ھەممىمىز يۈز بېرىۋاتقان شۇنچە قورقۇنچلۇق ئىشلارغا دۇنيا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن قاراشتا. بىز ‹مەڭگۈ تەكرارلانمايدۇ› دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدۇق.»

ئۇ تىۋىتتېردىكى بۇ ئۇچۇرىنى «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» ناملىق خەشتەگ ئارقىلىق ھەمبەھىرلىگەن.

BBC نىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قورقۇنچلۇق خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە يەنە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوغلىمۇ تىۋىتتېردا «دۇنيا جامائىتىنىڭ غەزىپى نەدە؟» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ BBC دا بەرگەن گۇۋاھلىقى دۇنيا ئاخباراتلىرىدا زور دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. يۇقىرىدىكىدەك غەرب ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىرەر مۇسۇلمان دۆلىتى، تۈركىيە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرىدىن سادا چىقمىدى.