ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئاتموسفېراسىنى قويۇق سىياسىي تەشۋىقات ھاۋاسى قاپلاشقا باشلىغان.
مەزكۇر تور بەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئاي مابەينىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرستىتېتى، ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ۋە «ياش ماركىسىزمچىلار» تېمىسى بويىچە نۇتۇق سۆزلەش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر يەنە قەرەللىك ھالدا «ياش ماركىسىزمچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقىي پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىياسىي تەشۋىقات يۆنىلىشىگە يېتەكلىگەن.
مەلۇمكى، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ياش ئىستۇدېنتلاردا ھۆر ۋە ئەركىن پىكىرلەر قانات يايىدىغان بىر سەھنە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ قويۇق سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى كۆزەتكچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.