2016-يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستاننى 30 يىلغا يېقىن ئىدارە قىلغان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 12-ئايدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىگە سايلىنىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېۋ يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۆزبېكىستان ئىلىم-پەن ساھەسىدە تونۇلغان 100 گە يېقىن ئاكادېمىك بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە ئۇلارغا پۇل تارقاتقان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىش مۇراسىمىدا پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ياردەمچىلىرى 100 گە يېقىن پېشقەدەم ئاكادېمىكنىڭ ھەر بىرىگە 1000 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى 6 يېرىم مىليون سوم قاچىلانغان قەغەز قۇتا بەرگەن بولۇپ، ئاكادېمىكلار كۈتۈلمىگەن بۇ سوۋغىدىن خۇش بولۇشقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ باشقا ساھەدىكىلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق شەكىلدە پۇل سوۋغىلىرى تارقىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
شاۋكەت مىرزىيايېۋ ئاكادېمىكلارنى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۇشكە چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاكادېمىكلارنى سايلاش ئېلىپ بېرىلمىغان ھەمدە ئاكادېمىيىسى ئىسلاھات قىلىش كۈتۈپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئاكادېمىيە بولۇپ، ئەسلىدە كۈچلۈك ئىلمىي تەتقىقات سىستېمىسى بولغان. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى مىليونلىغان ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەرگە كېتىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى تاللىشىغا سەۋەب بولغان. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ چېكىنىشىىدىكى سەۋەبلەرگە ئايلانغان.
نۆۋەتتە، يېڭى پرېزىدېنت مىرزىيايېۋتىن ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى دېموكراتىيەگە قارشى ئىچكى سىياسەتنى ئىسلاھات قىلىش ۋە دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈمىد قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.