ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان

ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەرھات ئارزىيېف ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ 25-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن فەرھات ئارزىيېف بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە سۆھبەتتە بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئارزىيېفنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىدىكى كونكرېت مەقسىتى ۋە كۈنتەرتىپىگە دائىر تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كېلەر يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى باھالاپ چىقىدىغان بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئۆزبېكىستان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي 25-دېكابىر ئارزىيېف بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ «خىتاي-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىندىن بېرى ئىككى تەرەپ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆز ئارا «ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان» . ما شىڭرۈي مۇنداق دېگەن: «بىز ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىمىز. يېڭى دەۋردە خىتاي-ئۆزبېكىستان ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز» .

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئارزىيېفنىڭ ئۆزبېكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە مۇھىم ساھەلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئىجرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىش كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل مەزكۇر رايوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئېكسپورتىنىڭ جىددىي كۆپەيگەنلىكى مەلۇم.