بىر خەلقئارالىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يېقىندا قىلغان دوكلاتىدا ئافغانىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ دۇنيادىكى چېرىكلىك ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
چىرىكلىكنى باھالاش گۇرۇپپىسى خەلقئارا ئوچۇقلۇق تەشكىلاتىنىڭ 27 - يانۋار ئېلان قىلغان 2015 - يىللىق چېرىكلىك ئىندېكسىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك باھالاشتا دۇنيادىكى 168 دۆلەتنىڭ چېرىكلىك ئەھۋالى رەتكە تىزىلغان چىقىلغان.
باھالاشتا دانىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 1 - ، 2 - ، ۋە 3 - رەتكە تىزىلىپ چېرىك ئەمەس دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئافغانىستان 166 - ، تۈركمەنىستان 156 - ، ئۆزبېكىستان 153 - رەتكە تىزىلىپ دۇنيادا چېرىكلىك ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان 123 - رەتكە تىزىلىپ چېرىكلىك دەرىجىسى تەڭ دەپ قارالغان.
بۇلاردىن باشقا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چېرىكلىك مەسىلىسى يېنىك دۆلەتلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.
خىتاي بولسا 83 رەتكە يەنى چېرىكلىك ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان.