ئۆزبېكىستان ئۆز بازىسىنى گېرمانىيەنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى


ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستان چېگراسىدىكى تېرمېز شەھىرىدىكى ئايرودرومنى گېرمانىيەنىڭ داۋاملىق ئىجارە ئېلىشىغا ماقۇل بولدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە 30 - يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى نايتخارت خيوئېر - ۋىسىڭ بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان. ئۇ سۆزىدە :«بىز خەلقئارالىق بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بىلەن تەڭ باشلانغان ھەمكارلىق، يەنى ئايرودرومنى ئىجارىگە ئېلىش مۆھلىتىنى ئۇزاتتۇق. ھازىر، بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قالىدۇ».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر ئايرودرومىنى ئىجارىگە ئېلىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش كېلىشىمى 2014 - يىلى نويابىردا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما تېخى رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.

گېرمانىيە تېرمېز ئايرودرومىنى 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلەتكەن. 2010 - يىلى، ئىككى تەرەپ يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ ۋاقتى 2014 - يىلى 31 - دېكابىردا توشاتتى.

بۇ ھەقتە ب ب س ئاگېنتلىقىمۇ ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ھازىر گېرمانىيە ناتو ئەزالىرى ئىچىدىكى بىردىن - بىر ئۆزبېكىستاندا بازىسى بار دۆلەتكە ئايلانغان. ھەتتا، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدە تاشكەنت غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرگەندە ئامېرىكا ئوز بازىسىنى تاقىغان بولسىمۇ، بىراق تاشكەنت گېرمانىيەنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا ماقۇل بولغان ئىدى.

كېلىشىم بويىچە تېرمېز بازىسىدا گېرمانىيەنىڭ 300 ئەسكىرى تۇرغۇزۇلغان ئىدى. گېرمانىيە تەرەپ بۇ جەريانلاردا تېرمېز ئايرودرومىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن 12 مىليون ياۋرو چىقىم قىلغان ئىكەن.