ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف موسكۋا سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ 15 - ئاپرىل كۈنى موسكۋاغا رەسمىي زىيارەت بىلەن ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئىسلام كەرىموف موسكۋادا پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كەرىموفنىڭ بۇ قېتىملىق چەتئەل سەپىرى ئىلگىرى ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاغدۇرىدىكەن.

بىراق، كەرىموفنىڭ موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىدىغان ئاساسلىق تېمىلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى تاشكەنت كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

بولۇپمۇ، پۇتىننىڭ قوشنا تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا سۇ مەسىلىسىدە بېسىم پەيدا قىلىشى تاشكەنتنى بىئارام قىلغان ئىدى. يېقىندا ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىرىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن ئىدى.