ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر تۇتقۇنى ھەسەنجان قارىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى رەت قىلغان
2020.11.09
ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي لاگېرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنى ھەسەنجان قارىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى رەت قىلغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭغا ئۆزبېكىستاننىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ھەسەنجان قارىنىڭ ئۆزبېكىستان گراژدانى بولغان ئايالى گۈلشەن ئابلىمىتوۋنا ئىلگىرى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەسەنجان قارىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، لېكىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، گۈلشەن ئابلىمىتوۋنا ھەسەنجاننىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىدە بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن. ھەسەنجان قارى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزىسى، سۈنتاغ كەنىتىدىن بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
«تۋېتتىر» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەردە، ئۇنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» ،«دىنىي رادىكاللىقتىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بىڭتۇەن 3-دېۋىزىيەسىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولۇپ، ئۇ ب د ت دا خىتاينىڭ خەلقئارادا» ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قوللىغانىدى.