ئۆزبېكىستان خىتايغا كىشمىش ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلانغان


ئۆزبېكىستان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى نۆۋەتتە خىتايغا كىشمىش ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە يېقىندا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى فەن ئەيچىن توختالغان.

مەزكۇر خىتاي سودا ئەمەلدارى سۆزىدە يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا كىشمىش ئېكسپورت قىلىشتا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەلۋەتتە، يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا چىقىرىۋاتقان تەبىئىي گاز مىقدارىمۇ ئاشۇرۇلغان.

ئۆزبېكىستاننىڭ «پودروبنو.رۇ»تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشمىش تاشكەنتنىڭ خەلقئارا بازارلارغا، جۈملىدىن خىتايغا چىقىرىدىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ئەمما، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىدا تەبىئىي گاز يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زور كۆلەمدىكى تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان. ئىككى دۆلەت سودا مىقدارى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆتكەن يىلى 4مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.