ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئۆزبېكىستاندا خەۋەر ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان 30 چەتئەل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىسىتى مۇخبىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي مۇخبىرلىرى ئەڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور سەھىپىسىدە ئۆتكەن يىلى 29 - دېكابىر كۈنى تارقىتىلغان ئۆزبېكىستاندىكى خەۋەر ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن چەتئەل مۇخبىرلىرى تىزىملىكىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىسنىتىرلىقى رۇخسەت قىلغان 30 چەتئەل مۇخبىرىنىڭ 14 نەپىرى خىتاي مۇخبىرى بولۇپ، بۇلار: خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى، ۋېنخۇي گېزىتى، ئىقتىساد كۈندىلىك گېزىتى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ۋە باشقىلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا مۇنداق كەڭ دائىرىدە يەر ئېلىشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەرتلىرىدىكى ۋەقەلەرگە ناھايىتى دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇقىم ۋە ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ سىياسىي قاراشلىرىدا زور پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيىنىڭ 5 مۇخبىرى تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇلار «جاھان»، «ت ر ت> ۋە «ئاناتولۇ» ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەن. ئەمما تاشكەنت تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان رۇسىيە مۇخبىرى ئىككى نەپەر بولۇپ ئۇلار، ئىنتېرفاكىس، ۋە رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىكەن.
2006 - يىلى، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، تىزىمغا ئېلىنمىغان ھەر قانداق چەتئەل مۇخبىرىنىڭ ئۆزبېكىستان زېمىندىن كەسپىي پائالىيەت قىلىشى چەكلەنگەن ئىدى.