ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ سپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرىدە قۇرغان ئايروپىلان ئىستانسىسىدا شەنبە كۈنى ئايروپىلان قوندۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
ۋيېتنام تەرەپ بۇنى خىتاينىڭ «ۋېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتىغان.
چۈنكى، ۋيېتنام سپراتىل تاقىم ئاراللىرىنى، ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايدۇ. خىتاي بولسا، بۇ ئاراللارنى نەنشا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتاپ، جۇڭگو زېمىنى ھېسابلايدۇ.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ جۇڭگونىڭ بۇ جايدا ھەقىقەتەن ئايروپىلان ئۇچۇش - قونۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرگە «بۇ ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش»، «جۇڭگو ۋېتنامنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئايرودرومدا خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋيېتنام خىتاي تەرەپكە ئەۋەتكەن نارازىلىق باياناتىدا خىتاينىڭ مۇنداق سىناق ھەرىكىتىنى تەكرارلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
جەنۇبى دېڭىزدىكى سپراتىل تاقىم ئاراللىرى ۋيېتنام، خىتاي، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسى ئۈستىدە بولۇپ، خىتاي ئىزچىل بۇ ئاراللارنى ئۆز زېمىنى ھېسابلاپ، 2013 - يىلى، بۇ يەرلەرنىڭ بىرىدە دېڭىزنى تىندۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ياساش قۇرۇلۇشى باشلىغان، بۇ ئەھۋال ۋيېتنام قاتارلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەم ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى،