ۋىرۇسقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تېد كرۇز بۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، پات يېقىندا «خىتايدىكى تېببىي ئۇچۇرلار سۈزگۈچى ۋە يوشۇرۇش قىلمىشىغا خاتىمە بېرەيلى 2020» تېمىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېد كرۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارغا قاتمۇ-قات سۈزگۈچ سېلىشى تۈپەيلىدىن تاشقى دۇنيا بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قالغان. خىتاينىڭ مۇشۇ يوسۇندا ئۇچۇرلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئۇ جايدىكى زۇلۇملار، سىياسىي زىيانكەشلىك، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىمۇ قاراڭغۇ ھالەتتە قالغان.

باياناتتا تېد كرۇز «خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش قىلمىشى خىتايدىكى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھازىر پۈتكۈل دۇنياغا بىر زور خەتەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنى چەكلەشنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دېگەن.