Volkswagen شىركىتى خىتاي بازىرىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى

دۇنياۋى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋولكېسۋاگىن» (Volkswagen) شىركىتىنىڭ رەئىسى رالف براندستاتتېر (Ralf Brandstätter) بېرلىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا «بىز سىياسىي ئامىللار تۈپەيلىدىن خىتاي بازىرىدىكى ئورنىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ» دەپ تەكلىپ بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ خىتاي بازىرىنىڭ دۇنيا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئۈچۈن تولىمۇ ئاچقۇچلۇق بولغان چوڭ بازار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ يامانلىشىشىنى ئاساس قىلىپلا خىتاي بازىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يېڭى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھەققىدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقان بىر نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن. نۆۋەتتە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شولتز ھۆكۈمىتى خىتايغا نىسەتەن تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىكى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تەكلىپكە قارشى تۇرماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولكېسۋاگېن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنىڭ 20 پىرسەنتى خىتايدا سېتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇلار مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇت قۇرغانلىقىنى ئاقلاپ ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتىدا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما شاففېلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي (Laura T. Murphy) باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2022-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتتا مەزكۇر شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا شىركەتلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىدىغانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنغان.