خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا

بۈگۈن خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن تەنقىد قىلدى.

تەشكىلات باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى ۋەقەگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تېررورلۇق ماركىسى چاپلاشتىن سىرت، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى تېررورچىلارغا ياردەم قىلغان دېگەن نام بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈشى بۇندىن كېيىن رايوندا تېخىمۇ كۆپ تۇتقۇن قىلىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە، دېگەن.

ئۇلار يەنە، ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تېگىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىغا مىليونلاپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئۇلارغا ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا، كىرىمدىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.