ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا يۈز بەرگەن ساختا ۋاكسىنا سەتچىلىكىدىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاممىنىڭ ۋاكسىنىغا بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى Bernhard Schwartländer نىڭ 28- مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا :«ۋاكسىنا ۋەقەسى خىتايدا ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش ساھەسىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ جەھەتتە جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك» دېگەن.
3-ئاينىڭ بېشىدا گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن مەسىلە بار ۋاكسىنا سەۋەبلىك يەسلى بالىسىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ خىتاينىڭ 29 ئۆلكە، شەھىرىگە تارقالغانلىقى ئاشكارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ساختا ۋاكسىنا دېلوسىدىن 69 تۇرغۇزۇلۇپ، 130 دىن ئارتۇق ئادەم دېلوغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.