«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سېكرېتارى چېن چۈەنگو ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «ۋال-سترىت ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سېكرېتارى چېن چۈەنگو ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2016-يىلى يۆتكەپ كېلىنگەندىن بېرى قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتقان چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنىشىدىكى سەۋەبلەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1955-يىلى خېنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان چېن چۈەنگو 1980-يىلى خېنەندىكى مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ دەسلەپتە 1999-يىلىدا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىپ كۆزگە كۆرۈنگەن. ئاندىن ئۇ 2009-يىلى خېبېي ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى قىلىپ يۆتكەپ ئاپىرىلغان ۋە بۇ جايدا يېڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى ئۆلكىنىڭ مەركىزى شىجاجۇاڭدا سىناق قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ناھايىتى مۇكەممەل سىستېمىلاشقان ساقچىخانىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نازارەت ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

چېن چۈەنگو، 2011-يىلى تىبەتكە يۆتكەپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن، تىبەتتە 700 ساقچى پونكىتى قۇرغان. تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيەسىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كادىرلارنى تىبەت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈش، دالاي-لاماغا چوقۇنىدىغان تىبەتلەرنى قايتا تەربىيە سىنىپلىرىغا ئەۋەتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى باشلىغان.

ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاخىرى 2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن چېن چۈەنگو يۇقىرىدىكى بۇ پۈتۈن تەجرىبە ۋە سىياسەتلىرىنى يۇغۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە ھەسسە كۈچەيتىپ ئىجرا قىلغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ بۇنداق زالىملارچە سىياسەتلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىنى باشقۇرغان قىسقىغىنا ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 7700 قۇلايلىق ساقچى پونكىتى قۇرۇلغان، بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى لاگېرلىرىغا قامالغان، يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت ۋە تەقىبلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 100 مىڭ نەپەر ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك خىراجىتى ئىككى قاتلىنىپ، 8 يېرىم مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، قىسقىسى، ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇ 2017-يىلى 25 ئەزادىن تەركىب تاپقان سىياسىي بيۇروغا كىرگەن، ئۇنىڭ ئەمدىكى نىشانى بولسا 7 كىشىلىك سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئىتىگە كىرىش ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ باش-ئاخىرىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.