دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋىرى خەلقئارا گېرالد لوئېب مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك رەقەملىك تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزكۇر يۈرۈشلۈك خەۋىرى خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ غەرب جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان يەرلىك خەلقنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماشتەك تراگېدىيەلىك ھادىسىلەرگە جەلپ قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىدى. «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ جاش چىن، كلېمېنت بۇرگۈ، فەن ۋېنشىن، جەرىمىي پېيج، كرىستىن جاڭ قاتارلىق مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىنجاڭدىكى 12 كۈن: خىتاينىڭ تەقىبلەش سىستېمىسى كۈندىلىك ھاياتنى قانداق بوغۇۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بۇ خەۋەر 2017-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك رەقەملىك تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئېلىپ بارىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى»، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئومۇميۈزلۈك رەقەملىك تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى سولاۋاتقانلىقى، قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا يېرىم سائەت كېلىدىغان بىر ئورۇندا بۇنداق لاگېرلارنىڭ بىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
گېرالد لوئېب مۇكاپاتى 1957-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن سودا، مالىيە-ئىقتىساد ساھەلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەرگە بېرىلىپ كەلگەن. «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ «شىنجاڭدىكى 12 كۈن: خىتاينىڭ تەقىبلەش سىستېمىسى كۈندىلىك ھاياتنى قانداق بوغۇۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك يۈرۈشلۈك خەۋىرى، خەلقئارا ژۇرنالىزىم تۈرىدە مۇكاپاتلانغان.