دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ كېلەر ئاي سان-فرانسىسكو شەھىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىغا بۇرالغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى بايدېن-شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇنداق «ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ۋاڭ يى ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەم پرېزىدېنت بايدېننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. زىيارەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 11-ئايدا سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ھازىرلىق ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەنىدى.
لېكىن «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا ۋاڭ يىنىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ ئۇنداق «ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ۋاڭ يىنىڭ 26- ۋە 27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۇقىرى تېخنىكا ئېكىسپورتىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى، خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىليە-خاماس توقۇنۇشى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرىۋەتكەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
«سىياسەت» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشنى بىكار قىلىشى، كاشىلىلارنى يېڭىشى، پىكىر بىرلىكىنى كۈچەيتىشى، نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. بىراق ئۇ «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشنى توختىتىش»، «كاشىلىلارنى يېڭىش» دېگەندە نېمىلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن. بىلىنكېن، ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.