ۋاڭ خۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەن

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» غا مەسئۇل ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەمەلدارى بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلىغان مەزكۇر رايوننى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش پىلانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» غا مەسئۇل ئەڭ ھوقۇقلۇق ئەمەلدارى - ۋاڭ خۇنىڭنىڭ 2023-يىلى 5-ئايدىن بېرى، 2-قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشى ۋە رايوندىكى يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش توغرىلىق يوليورۇق بېرىشىدۇر.

ۋاڭ خۇنىڭ 2023-يىلى 5-ئايدا ئېلىپ بارغان خىزمەت تەكشۈرۈشىدىمۇ، رايوننى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى، «جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر بىخلاندۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ بۇ قېتىم مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىدىكى مۇقىملىقنى داۋاملىق ساقلىشىمىز كېرەك. مىللىي ۋە دىنىي خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز، ‹بەشنى ئېتىراپ› قىلىشىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.»

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈشىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر بىلەن خوتەننى ئاساسلىق نۇقتا قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇشى ۋاقىت جەھەتتىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، نورۋېگىيە، چېخىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتى 22-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت 3-كومىتېتىنىڭ 79-قېتىملىق يىغىنىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بارلىق تەۋسىيەلىرىنى ئورۇنداشقا، جۈملىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بېرى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدا كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتىكەن.