ۋاڭ ياڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى» غا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، 4-مارت كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا قارىتا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، كومپارتىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىكى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىقىدىن قېلىپ قالغان خىتاينىڭ قوشۇمچە «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل مەزكۇر رەھبىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىم سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا خىزمەت دوكلاتى بېرىشىدۇر.

ۋاڭ ياڭ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئ‍ۆتكەن بەش يىلدا، خىتاي كومپارتىيەسى «مەركىزىي شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھلىكلەرگە جاۋابكار، دەپ قارالغان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان.

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ ياڭ خىزمەت دوكلاتىدا خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ چىقارغان قانۇنلىرىنى «ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ تەيۋەنگە، خوڭكوڭغا ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئويدۇرما قانۇنلىرى» دەپ ئاتاپ، بۇلارغا ۋە سابىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى قاتارلىقلارغا قارىتا قاتتىق ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ، «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى مەنپەئ‍ەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن جەمىئي 36 ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» كە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «شىنجاڭ ۋەكىلى» دىلنار ئابدۇللا ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى ماختاپ، بۇ دوكلاتتا «كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش» تىلغا ئېلىنغانلىقى، «بۇ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشىدىغان تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.