ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇدا ئاتالمىش «8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى» يىغىنىنى ئاچقان.
خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغىچە ئاقسۇدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «شىنجاڭ خىزمىتى» نى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلغان.
ۋاڭ ياڭ يىغىندىكى سۆزىدە «شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىنى، ئۇنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋە نېمىلىكى ئىزچىل مۇجىمەل بولۇپ كەلگەن «باش نىشان» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتى» دەپ ئىزاھلىنىۋاتقان باستيۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېگەن: «. . . شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى ۋە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.»
يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو رايوندا «ئەبەدىي ئەمىنلىك تۇرغۇزۇش» ھەققىدە نوقتىلىق توختالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويغان بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭغا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن، نۇرغۇن خىتاي زاۋۇتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈرۈلۈپ، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرغا قامىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنىڭ ئاساسىي يارىتىلغان ئىدى.