ۋاڭ يى قىرغىزىستانغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى

قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قىرغىزىستانغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، «بارلىق تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئىدىيەۋى دولقۇنىنى تەڭ يوقىتىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزلەرنى غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى دىگىتال نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەجرىبە قىلىدىغان بىر سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى سۆزلەرنى 21‏-ماي كۈنى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەيدەربېكوف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى دىگىتال نازارەت سىستېمىسىنى ماختاپ، مەزكۇر رايوندا قانات يايدۇرۇلغان «تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «بۇ خىل خىزمەت شىنجاڭ رايونىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداپلا قالماي، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىدە پايدىلىق رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا ئىجابىي تۆھپە قوشۇپ، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدىكى ئىزدىنىشلەرگە پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يارىتىپ بەردى» دېگەن. لېكىن ۋاڭ يى «بۇ ئۈنۈملۈك تەجرىبە» نىڭ قانداق بەدەللەرگە توختاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك كىشىنى لاگېرغا قاماپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مائارىپىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسىغا ئومۇميۈزلۈك بۇزغۇنچىلىق قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندا «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.