خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياۋروپاغا زەھىرىنى سانچىغان

غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەش سادالىرىنىڭ بارغانسېرى كۆچىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل بىئارام قىلىپ، ئوغىسىنى قاينىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەر قانداق خەلقئارا سورۇندا بۇ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالمىسا، ئىچىدىكى زەھەرنى قۇسمىسا بولمايدىغان بىر ھالەت شەكىللەنگەن.

«سىياسەتچى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سەيشەنبە كۈنى (25-ماي) توردا ئۆتكۈزۈلگەن مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: «بىزنىڭ ياۋروپالىق دوستلىرىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىز بولساق بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز» دەپ چالۋاقىغان ھەمدە خىتايدا لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ئايدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازالىغانىدى. بۇ يىغىندا گەرچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قارىمۇ قارشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ۋاڭ يى سودا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يەنىلا بىرلىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.